Anatil Uchur Merkizi

Anatil Uchur Merkizi

Share

ئۇيغۇر ئانا تىل ئۇچۇر مەركىزى
ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت ئوقۇتۇش، خەۋەر، تەتقىقات، پائالىيەت، دەرسلىك، ئەدەبىي، سەنئەت، قوراللار ماتېرىيال ئامبىرى

04/20/2025

ئوغلۇمنىڭ تۈنجى سۆزى ئۇيغۇر ئانا تىلى بىلەن چىقتى
ئەسما ئۆزەر

ئوغۇلۇم 4 ياشقا كىرگەندە باشلانغۇچ مەكتەپ تەييارلىق سىنىپىغا تىزىملىتىش ئۈچۈن گوللاندىيىلىكلەرنىڭ ئادىتى بويىچە قېينى دادام ، قېينى ئاپام ، يولدىشىم ئۆيىمىزگە يېقىن بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە باردۇق . بىزنى مەكتەپنىڭ ئوغلۇم ياشتىكى بالىلار بۆلۈمىنىڭ مەسئول ئايال كۈتىۋالدى . ئۇ ئالدى بىلەن بىزنىڭ قايسى دۆلەتتىن كەلگەن ۋە قايسى تىلدا سۆزلىشىدىغانلىقىمىزنى سورىدى .مەن جاۋاپ بېرىپ مەن تۈرك ، گوللاندىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ، ئوغلۇممۇ گوللاندىيەدە تۇغۇلدى . مىنىڭ ئانا تىلىم تۈرك تىلى ، گوللاندىيە تىلى ئىككىنچى ئانا تىلىم دەپ ئۆزەمنى تونۇشتۇردۇم . يولدىشىم مىنىڭ مىللىتىم ئۇيغۇر ، ئۇيغۇرتىلى مىنىڭ ئاناتىلىم ، ئەمما مەملىكەتتە باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى خەنزۇ تىل مەكتەپلىرىدە تاماملىدىم . گوللاندىيىگە كېلىپ تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ پەن - تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتىېتىدا 4 يىل ئوقۇدۇم ۋە بىر يىل پىراكتىكا قىلىپ ئوقۇشنى نەتىجىلىك پۇتتەردىم ، ھازىر ئۆز كەسپىمدە ئىشلەۋاتىمەن دىدى. مەسئول خانىم گوللاندىچە تەلەپپۇزدا « ئۈيغۇرېن » مىنىڭ بۇ مىللەت توغرىسىدا ئازىراق مەلۇماتىم بار ، دەپ ئوغلۇمنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ ئىسمىڭ نىمە دەپ سورىدى ، ئوغلۇم تارتىنىپ جىم تۇردى . ماڭا قاراپ گوللاندىچە بىلەمدۇ ؟ دىدى ، مەن ياق گوللاندىچە بىلمەيدۇ ، ئوغلۇم شامەرد ئۇيغۇرچە بىلىدۇ دىدىم . ئۇ يا... ھە ياخشى گوللاندىيىدە ئۇيغۇر تىل ئۆگىنىش ئىمكانى بارمۇ دەپ ھەيرانلىق بىلەن ماڭا قارىدى ، مەن ئوغلۇم ئۇيغۇرچىنى ئۆيدە ئۆگەندى ، بىز ئۆيدە باشقا تىلدا سۆزلەشمەي پەقەتلا ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىمىز . بوۋىسى ، مومىسى ئۆز مەملىكىتىدە دۆلەت مائارىپ ساھەسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئىكەن ، شۇڭا ئوغلۇم شامەرد تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەندىم ، ئوغلۇمنىڭ بوۋاق چېغىدا چىققان تۈنجى « ئانا » يەنى « ئاپا » سۆزى ئۇيغۇر ئانا تىلى بىلەن چىقتى . مىنىڭ سۆزىم تۈگمەيلا مەسئول خانىم نەۋرەڭلارنىڭ تىلى راۋانمۇ دەپ قېينى دادام بىلەن قېينى ئاپامغا قارىدى ، ئۇلار « راۋان » دەپلا جاۋاپ بەردى . ئۇنداق بولسا شامەرد گوللاندىيە تىلىنى ئۆگۈنىشتە مەكتەپتە ئوقۇشتا قىينالمايدۇ . چۈنكى ، پەرزەنتلەر ئانا تىلغا قانچە پۇختا بولسا ئىككىنچى بىر تىلنى ئۆگىنىشتە ، تەپەككۇردە شۇنچىلىك ئۆتكۈر بولىدۇ . مەن تىل مەدەنىيىتى تەربىيىسى دېگەندە ئانا تىل تەرىبىيىسىنى بەك مۇھىم دەپ قارايمەن . سېلەر ئۆزەڭلارغا تەۋە بولغان ئەڭ قەدىرلەشكە تېگىشلىك نەرسىنى قەدىرلەپ تۈرك كېلىنىڭلارنى تەسىرلەندۇرۇپسىلەر . كېلىنىڭلار گوللاندىيە بالىلار مائارىپىدا ئوقۇغان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ، مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ، گوللاندىيەنىڭ مائارپ سېستىمىسىدا مەكتەپلەردە گوللاندىيە تىلىنى ئۆگىتىش بىلەن باشقا ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىشىنى چەكلىمەيدۇ ، ئۆيدە شامەردكە ئانا تىلىنى ئۆگىتىشنى سۇسلاشتۇرۇپ قويماڭلار دىدى . بۇ ئارلىقتا ئۇ ماڭا بەر گەن ئانكىتنى تولدۇرۇپ ئوغلۇم شامەردنى مەكتەپكە تىزىملىتىپ ئۆيگە قايتتۇق . مەسئۇل خانىم ئوغلۇم شامەردنىڭ بوۋىسى بىلەن مومىسىغا ئېيتقان سۆزىدىن ، ياۋروپادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر
ئاتا - ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەرنى يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپكە تىزىملىتىشتىن بۇرۇن ئائىلىدە ئانا تىل ئۆگىتىشنىڭ قانچىلىك مۇھىملقىنى ھېس قىلدىم .شۇنداقلا ئۆز مىللىتىنىڭ يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ، مىللىي ئەنئەنىگە ئىگە بايراملار مۇراسىمىدا ۋە تەشكىلات ، جەمئىيەت دەرنەكلەرنىڭ ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلىرىدە بالىلارنىڭمۇ بولۇشى ئۇلارنىڭ ئانا تىل سۆيگۈسى بىلەن ۋەتەن ، مىللەت تۇيغۇسىنى ئاشۈرىدۇ دەپ ئويلايمەن . چۈنكى، ياروپادا ياشاۋاتقان تۈركلەردە بۇ ئەھۋال بىر ئادەتكە ئايلانغان . مېنىڭ كۆڭلۈمدە خېلىدىن بېرى بۇ توغرىسىدا قاراشلىرىمنى يېزىشنى ئويلاپ كەلگەن بولساممۇ ئۇيغۇر تېل - يېزىق سەۋىيەرىم يار بەرمىدى ، ئۇنىڭ ئۇستىگە ھازىرغىچە بىرەر كۈرسىدا سېستىمىلىق ئۇيغۇرچە تىل ئۆگىنىش پۇرسىتىممۇ بولمىدى ، شۇنىڭ ئۈچۈن مىنىڭ ئۇيغۇرچىنى پىششىقلىشىم ، ئۇيغۇرچە يېزىش سەۋىيەرىمنى ئۆستۈرشۈم كېرەك ۋە شۇنداق قىلىمەن . ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىملا ۋە خاتا كېتىپ قالغان سۆز - جۇملىلەرنى تۇزۇتىپ قويۇشىنى ئۇمىد قىلىمەن . يازمىنى مەشھۇر ئالىملارنىڭ سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن : « بىلىش لازىمكى ئائىلە مىللەتنىڭ مۇقەددەس قورغىنى ، ئۇ مىللەتنىڭ ياتلىشىپ كېتىشىنى ، تىل - يېزىقىنى ئۇنتۇشنى ،ئادەت ۋە ئەنئەنىنى تاشلىۋېتىشنى ، تەلىم ۋە مەدەنىيەتتە تۇترۇقسىز بوپ قېىلىشنى توسىدىغان ئۇلۇغ مۇرەببىسى . قەبىلە ، مىللەت ئائىلىدە ئاپىرىدە بولغاندى ، ئۇنىڭ گۈللىنىشى ياكى ھالاكىتىمۇ ئائىلىگە باغلىقتۇر . » ( ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن ) ، « ...ئانا تىل ئۆزىنىڭ ئانا يۇرتىغا ئادەمنىڭ قۇلىقىدا تاسادىپي بىر سېھىر بىلەن ئاجايىپ تاتلىق سېزىملارنى ئويغىتالايدۇ . بىر مۇساپىر ياقا يۇرتلاردا بولغان تەقدىردىمۇ ئانا تىل ئۇنىڭ يۇرتىنى سېغىنىش ھېسسىياتىنى قوزغىيالايدۇ . بۇ يەردىكى مۇھىم تۈرتكە تىلدىكى ئىدىيەۋى ھېسسىيات ۋە مەنىۋى تەرەپلەرنىڭ ئىپادىسىدە بولماستىن ، دەرھال چۇشەندۇرۇپ كەتكىلى بولمايدىغان ئايرىم بىر تەرەپتۇ ، يەنى تىل تاۋۇشىنىڭ ئۆزىدىدۇر . كشىلەر ئۆز ئانا تىلىنىڭ تاۋۇشلىرىنى ئاڭلىغاندا ، تەبىئي ھالدا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنىڭ بىر قىسمىغا ئېرىشكەندەك بولىدۇ . » ( تىلشۇناس ھۇمبولىن - / 1767 - 1835 ) بۇ ھېكمەتلەرنى يېزىۋىتىپ ئوغلۇم شامەردنىڭ بىر سورۇندا قىلغان سۆزلىرىنى قوشۇپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم ، ئوغلۇم شامەرد تېخى تۆت ياشقا كىرمىگەن ۋاقىتتا گوللاندىيە « ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى » ئۆتكۈزگەن يازلىق پائالىيەتكە ئائىلە بويىچەبارغان ئىدۇق ، ئوغلۇم ئويناۋاتقان ئۇيغۇر بالىلارنى كۆرۈش بىلەنلا قولۇمنى قويۇۋېتىپ يۈگۈرۈپ كەتتى . ئازىراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ، ئوغلۇم خوشال ئەكىلەپ كېلىپ بوۋىسىغا بوۋا ، بوۋا بۇ يەر بىزنىڭ مەملىكەتما ؟ ھەممە بالا ئۇيغۇرچە گەپ قىلىدىكەن دەپ ، جاۋاپ كۈتمەيلا تېخى يېڭىلا تونۇشقان ئوماق دوستلىرىنىڭ يېنىغا ئالدىراپ كەتتى . بوۋىسى ئۇنىڭغا قاراپ كۆزلىرى لىققىدە ياشقا تولدى ۋە ماڭا قاراپ كۇلۇمسىردى . . .
ئەسما ئۆزەر
گوللاندىيە

02/22/2025

ئانا تىل كۈنىمىز قۇتلۇق بولسۇن!

مىڭ يىللاردىن كەلگەن بۇ تىل، تەڭرىتاغدەك مەغرۇر،
ئەجدادلاردىن قالغان گۆھەر، دېڭىزدەك چوڭقۇر.
قار-بورانلار توسالمىدى يولىنى ھەرگىز،
كۈن نۇرىدەك پارلاپ تۇرار، مەڭگۈلۈك نۇر.

09/09/2024

ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى 2024- 2025- يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى

Want your school to be the top-listed School/college in Washington D.C.?

Click here to claim your Sponsored Listing.

Location

Address


Washington D.C., DC